?ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا

?ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەت-تەزىم قىلىپ باش ئۇرىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويماسلىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىغانلىقى ۋە قوغلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋىلىش، قەبرىگە چوقۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

فوائد الحديث

پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ھەزەر قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

قەبىرنىڭ ساھىبى ھەرقانچە ئۇلۇغ، كاتتا كىشى بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ قەبىرسىنىڭ يېنىدا قەبىرنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.

قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىش ھارام بولىدۇ.

قەبرىستانلىققا گەرچە مەسچىت بىنا قىلىنمىغان بولسىمۇ قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن نامىزى ئوقۇلمىغان مېيىتقا جىنازە نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ.

التصنيفات

شىرىك كەلتۈرۈش, شىرىك كەلتۈرۈش, مەسجىدلەر ھۆكمى, مەسجىدلەر ھۆكمى