إعدادات العرض
دۇئا ئىبادەتتۇر
دۇئا ئىبادەتتۇر
نۇمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دۇئا ئىبادەتتۇر» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].
الترجمة
العربية తెలుగు हिन्दी Kurdî English Kiswahili Français فارسی தமிழ் සිංහල မြန်မာ Русский ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski Hausa മലയാളം دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Български Українська Português Tagalog Azərbaycan ქართული тоҷикӣ Македонски bm 中文 Malagasyالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دۇئانى تەلەپ بولسۇن ياكى بىر نەرسە سوراش بولسۇن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى سوراش، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تىلەش كېرەك. دۇئا ئىبادەت بولغان ئىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن، قەلبى ئىبادەت ياكى بەدەنى ئىبادەت بولسۇن ياكى مالىي ئىبادەت بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».فوائد الحديث
دۇئا ئىبادەتنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ.
دۇئا: بەندىچىلىكنىڭ ھەقىقىتىنى، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى، تەڭداشسىز قۇدرىتىنى، بەندىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتىپ چوڭچىللىق قىلىش ۋە دۇئانى تەرك قىلىشنىڭ جازاسىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتىدىغانلارنىڭ خار بولغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ھالەتتە جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
التصنيفات
دۇئانىڭ پەزىلىتى