إعدادات العرض
دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
مىقدام بىن مەدىكەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».
الترجمة
العربية Kurdî English Kiswahili Español اردو Português বাংলা Bahasa Indonesia فارسی தமிழ் हिन्दी සිංහල Tiếng Việt മലയാളം Русский မြန်မာ ไทย پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Türkçe Bosanski Hausa తెలుగు دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Oromoo Wolof Tagalog Soomaali Français Azərbaycan Українська bm ქართული Deutsch Македонски Magyar 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم كىشىلەر سورۇن تۈزەپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ياستۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ ئادەم: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئايرىيدىغانغا قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەردىن يىراق بولىمىز دەيدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھۆكۈمدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.فوائد الحديث
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى خۇددى قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغاندەك ئەمەل قىلىش كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتۇر.
سۈننەتنى رەت قىلغان ياكى ئىنكار قىلغان كىشىگە سۈننەتنىڭ دىندا ھۆججەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرىش كېرەك.
سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، قۇرئانلا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن كىشى ئەمەلىيەتتە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھەممىسىدىن يۈز ئۆرىگۈچىدۇر، ئۇ ئادەم قۇرئانغا ئەگىشىمىز دېگەن دەۋاسىدا يالغانچىدۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەنلىكى بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك بولدى.