إعدادات العرض
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
ar en my sv cs gu yo ur id si hi ha sw ps as prs ky or tr vi ne rw te bs lt ro ml nl so sr ku uk de kn wo mos sq pt ka az zh hu fa mk ta bn ru mgالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ شۇ مېيىتنىڭ ئورنىدا قەبىردە بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇ كىشى ئۆزىدىن ئەنسىرەپ باتىل ۋە ئۇنىڭ ئەھلى غالىپ كېلىپ، گۇناھ-مەسىيەت، پىتنە -پاساتلار ئاشكار بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ دىنى كىتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەيدۇ.فوائد الحديث
ئاخىر زاماندا پىتنە-پاسات ۋە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.
ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، پىتنە-پاسات، بالا-مۇسىبەت ئۇرۇنلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ ئىھتىيات قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.