إعدادات العرض
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كۆلنىڭ قاچىلىرى قانچىلىك؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر، ھاۋا ئوچۇق بولغان قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپتۇر، جەننەتنىڭ قاچىلىرىدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ، بۇ كۆلگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق ۋە ھەسەلدىن شىرىندۇر».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Azərbaycan Tagalog Українська தமிழ் bm ქართული Deutsch Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ كۆلىنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى. ئاشۇنداق بولىشى: ھاۋا ئوچۇق ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلار شۇنداق ئوچۇق پارلايدۇ، چۈنكى ئاي چىققان كېچىدە ئاينىڭ نۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇلتۇزلار ئوچۇق پارلىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇلۇتلۇق كېچىدىمۇ بۇلۇتلار يۇلتۇزلارنىڭ پارلىشىنى توسۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ قاچىلىرى جەننەتنىڭ قاچىلىرىدۇر، بۇ قاچا بىلەن بۇ كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاشتۇر. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى بارابەردۇر، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى شامنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كىلىدۇ. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىقتۇر.فوائد الحديث
ھەۋزى كەۋسەر ۋە ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئىسپاتلاش.
كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكىنىڭ كاتتىلىقى ۋە قاچىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بايان قىلىش.
التصنيفات
ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش