إعدادات العرض
ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن
ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Kurdî Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Wolof Soomaali Tagalog Français Azərbaycan Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски فارسی Magyar Русский 中文 ភាសាខ្មែរ አማርኛ Malagasy Oromooالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىشلارنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن پۈتىۋەتكەنلىكىنى، تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇۋاپىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئىنسانغا پۈتۈلگەن نەرسە خاتا يەتكەن بولمايدۇ، ئىنسانغا تەقدىردە پۈتۈلمىگەن نەرسە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.فوائد الحديث
قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش ۋاجىپتۇر.
تەقدىر دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نەرسىلەرنى ئەزەلدىن بېلىشى، يېزىشى، خالىشى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
تەقدىرنىڭ ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلىشتىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ نەتىجىسى: قازاغا رازى بولۇش ۋە تەقدىرگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاسمان ۋە زېمىنلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى سۇنىڭ ئۈستىدە بولغان.
التصنيفات
قازا ۋە قەدەرنىڭ دەرىجىلىرى