إعدادات العرض
توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ
توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Hausa دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Soomaali Deutsch Moore Українська Български Wolof Azərbaycanالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭلار، ئاڭلىماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى چوڭايتىۋەتمەڭلار دېدى. ساھابىلار: بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزى توغرا چىقىپ قالىدىكەنغۇ؟ خۇددى غەيبى ئىشتىن خەۋەر بېرىپ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنىدە مۇنداق ئىش بولىدۇ، دېسە، ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ سۆزىگە مۇۋاپىق كىلىپ يۈز بېرىدىكەنغۇ دېگەندە. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جىن ئاسماننىڭ خەۋىرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغاننى رەمبال-پالچىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئىلىپ چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، رەمبال-پالچىلار جىن يەتكۈزگەن بۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قېتىپ ئاڭلىتىدۇ دېدى».فوائد الحديث
رەمبال-پالچىلارغا ئېشىنىشتىن چەكلىدى، بەزى ۋاقىتتا توغرا چىقىپ قالسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى يالغان، توقۇلما سۆزدىن ئىبارەتتۇر.
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىش بىلەن ئاسمانلار شەيتانلارنىڭ ۋەھيىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىندى، ئوت يۇلتۇزلىرى ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرمىدى.
جىنلار ئۆزلىرىگە ئىنسانلاردىن سىرداش دوستلارنى تۇتىدۇ.