إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى…
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى توغرۇلۇق سورالدى
ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Hausa Português Kurdî മലയാളം Kiswahili සිංහල Русский دری Svenska አማርኛ অসমীয়া ไทย Tiếng Việt Кыргызча Yorùbá ગુજરાતી Malagasy नेपाली Oromoo Română Nederlands Soomaali پښتو తెలుగు Kinyarwanda ಕನ್ನಡالشرح
بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشى كاپىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا، ئەمما ئۇنى ئۇرۇشقا ئۈندىگەن سەۋەب؛ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ شۇجائىتىنى ۋە ياۋنىڭ ئالدىغا چىقالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆز قوۋمىنى ياكى ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆزىنى ماختاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ قاتارىدىن بولغانلىقىنى باشقىلارغا نامايەندە قىلىش بولسا، يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك جەڭچىلەرنىڭ قايسى بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا ۋە چوڭقۇر مانالىق بىر ئىبارە بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ئاللاھ يولىدا ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشقا بىر مەقسەتتە ئۇرۇش قىلدى. ئەمەل-ئىبادەتلەر نىيەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىغا باغلىق. بۇ قائىدە، پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلەرگە ئومۇمدۇر، دېمەك ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنىڭ نەتىجىسى نىيەتكە باغلىقتۇر. بۇھەقتە ئىنتايىن كۆپ دەلىللەر مەۋجۇتالتصنيفات
جىھادنىڭ ئەدەپلىرى