?مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ…

?مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى، مەن جامائەتنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشىنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرپ، مەن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋەتسەمكەن دەپ كەتتىم».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ نامازغا كېلىشكە سۇسلۇق قىلىشىدىن بولۇپمۇ خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىغا كەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىلگەن بولسا ئېدى، كېچىك بالا ئۆمىلىگەنگە ئوخشاش ئۆمىلەپ بولسىمۇ جامائەتكە كېلەتتى. - پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتەرگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن بىرگە جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ (ئۇلارنڭ سادىر قىلغان خاتالىقى بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قېتىپ كۆيدۈرىۋېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۆيدە نامازغا كەلمىگەن ئەرلەردىن باشقا گۇناھسىز، ئۈزۈرلۇك كىشىلەر، ياشانغانلار، كېسەللەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىغان.

فوائد الحديث

مەسچىتكە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كەلمەسلىكنىڭ خەتىرى

مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ۋە ئاڭلىتىشنى يەنى رىيا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، نامازغا پەقەت كىشىلەر بىزنى كۆرسۇن دەپ كېلىدۇ.

خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىشنىڭ ساۋابى بۈيۈكتۇر. بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلىش كېرەك.

خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش مۇناپىقلىقتىن ساقلايدۇ، بۇ ئىككى نامازنى قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ سۈپىتىدۇر.

التصنيفات

مۇناپىقلىق, مۇناپىقلىق, نامازنىڭ پەزىلىتى, نامازنىڭ پەزىلىتى