?مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا

?مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا

مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جازا-مۇكاپاتلىغاندا، :سىلەر دۇنيادا ماڭا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىرەر مۇكاپات تاپالامسىلەر قاراپ بىقىڭلار؟ دەيدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ كېچىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ قىلىدىغان رىيا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە رىيا قىلغۇچىلار ئۇچرايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتىن خەۋەر بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:«سىلەر دۇنيادا ئەمەلنى كىمنى رازى قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا بېرىدىغان ئەجىر-ساۋاپ بارمۇ؟ قاراپ بىقىڭلار» دېيىلىدۇ.

فوائد الحديث

ئىش-ھەرىكەتنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ۋە رىيادىن ھەزەر قىلىش ۋاجىپتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە كۆيۇمجان ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى، شۇنداقلا ئۇلارغا بۇ توغرىدا نەسىھەت قىلاتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشى-سالىھ كىشىلەرنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان ساھابىلارغا خىتاپ قىلىپ بۇنداق ئەنسىرىگەن يەردە، ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

التصنيفات

شىرىك كەلتۈرۈش, شىرىك كەلتۈرۈش, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى