?ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى

?ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە تۆگىسىدە ئولتۇرۇپ:«ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» دېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پىندىقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تاش تېرىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ:«مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى:«ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋىدالىشىش ھەججىدە چوڭ شەيتانغا تاش ئاتىدىغان قۇربان ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شەيتانغا ئاتىدىغان تاشنى تېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ يەتتە تال تاش تېرىپ كەلدى، ئۇ تاشلارنىڭ ھەجىمى پىندىقدەك ياكى نوقۇتتەك چوڭلۇڭقتا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «چوڭ-كېچىكلىكى مۇشۇنداق تاشلارنى ئېتىڭلار». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىنى ئىشلاردا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش، قاتتىقلىق قىلىش ۋە بەك ئاشۇرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭمۇ دىنى ئىشلاردا بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، قاتتىقلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

دىندا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن چەكلەش، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھالاكەتكە سەۋەپ بولىدىغانلىقىنىڭ بايانى.

بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئىشلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇلار سادىر قىلغان خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش.

سۈننەتكە ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

التصنيفات

جاھىلىيەت مەسىلىلىرى