كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ

كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سۆزنى دېدى مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ دېدى، مەن : كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ دېدىم.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئا، ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن (يەنى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن)، ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ دەپ خەۋەر بەردى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ: كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ۋاپات بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ دېدى.

فوائد الحديث

دۇئا ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھىنىڭ غەيرىگە قىلىنمايدۇ.

تەۋھىدنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن: تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئازاپلانسىمۇ ئاخىرىدا جەننەتكە كېرىدۇ.

شېرىكنىڭ خەتىرى: شېرىك ئېتىقادتا ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كىرىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش