ئاچچىقلانمىغىن

ئاچچىقلانمىغىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى تەكرار تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پايدىلىق بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئاچچىقلانماسلىققا بۇيرىدى، بۇنىڭ مەنىسى: ئاچچىقلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش، ئاچچىغى كىلىش بىلەنلا ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھەتتا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلارغا قەدەم باسماسلىقتىن ئىبارەت. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكرار تەلەپ قىلدى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەندىن باشقا سۆز قىلمىدى.

فوائد الحديث

ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ يامانلىقنىڭ جۇغلانمىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ.

ئىنسان ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغاندەك ئىشلارغا غەزەپلەنسە، بۇ ماختىلىنىدىغان غەزەپلىنىش بولىدۇ.

ھاجەت بولغاندا سۆزنى تەكرار قىلىش بولسا، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېسىدە تۇتىۋېلىشى ۋە ئۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر.

ئالىم-ئۆلىمالاردىن ياخشى ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار, گۈزەل ئەخلاقلار