?توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ

?توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ئىشلارنى قىلىشنىڭ شېرىكتىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ئىشلاردىن: بىرىنچىسى: رۇقىيە، بۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ شىپالىق تەلەپ قىلغاندا ئېيتىدىغان (شېرىكنى ئۆز ئېچىگە ئالغان) سۆزلىرىدۇر. ئىككىنچى: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ، چارۋىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان مۇنچاققا ئوخشاش نەرسىلەر. ئۈچىنچى: ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن ياسالغان تۇمارغا ئوخشاش نەرسىلەر. بۇ ئىشلار شېرىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇ بىر ئىشنىڭ بولىشىنى سەۋەپ قىلىشتۇر، ئۇ دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئىي سەۋەپ ئەمەس، ياكى تەجرىبە بىلەن بېكىتىلگەن ھېسسى سەۋەپمۇ ئەمەس. شەرئىي سەۋەپ بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىقلار، ھېسسى سەۋەپ بولسا تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دورىلار بىلەن داۋالىنىش قاتارلىقلار. بۇ ھەقىقەتەن پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ قولىدا، بۇنىڭ ھەممىسى سەۋەپ دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن دۇرۇس بولىدۇ.

فوائد الحديث

تەۋھىد ۋە ئەقىدىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قاراشلاردىن ساقلاش.

شېرىك سۆزلەر بولغان رۇقىيەلەرنى، تۇمار ۋە پۈتۈكلەرنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك نەرسىنى سەۋەپ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېچىك شېرىكتۇر، چۈنكى ئۇ سەۋەپ بولمىغان نەرسىنى سەۋەپ قىلىشتۇر. ئەمما ئۇنى ئۆز زاتىدا پايدا-زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش بولسا ئۇ شېرىكتۇر.

شېرىك ۋە ھارام بولغان سەۋەپلەرنى قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك.

شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان رۇقىيە ئوقۇشنىڭ ھارامدۇر.

قەلبنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئالاقىدار بولىشى، يېتىدىغان بارلىق پايدا-زىيانلارنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى، ياخشىلىقمۇ پەقەت ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى، يامانلىقنىمۇ پەقەت ئاللاھ بىلەن مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.

شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان رۇقىيە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك شەرتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

1- سەۋەپنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەنپەئەتى بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش.

2-سەۋەپنىڭ قۇرئان تىلاۋېتى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرى ۋە باشقا يوللۇق دۇئالار بىلەن بولىدىغانلىقى.

3-چۈشىنىدىغان تىل بىلەن بولىشى، چېگىك، ئۇقۇمسىز نەرسىلەردىن بولماسلىقى كېرەك.

التصنيفات

شەرئى رۇقىيە (دەم سىلىش قاتارلىقلار), شەرئى رۇقىيە (دەم سىلىش قاتارلىقلار)