إعدادات العرض
گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ
گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەخپى ئىشلىرىنى تىڭلىماڭلار، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá සිංහල ไทย دری Кыргызча or Kinyarwanda नेपाली Română Malagasy Lietuvių Oromoo Nederlands Soomaali Српски Українська ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە توسىدۇ. شۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: گۇمان: بۇ دەلىل-ئىسپاتسىز دىلغا چۈشىدىغان تۆھمەت بولۇپ، ئىنساننىڭ سۆزلىگەن راست سۆزىنىمۇ يالغانغا چىقىرىدۇ. تىڭتىڭلاش دېگەن: كۆزى بىلەن ياكى قۇلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرى ۋە ئۇياتلىق ئورۇنلىرىنى كۈزىتىش دېمەكتۇر. جاسۇسلۇق قىلىش : يوشۇرۇن-مەخپى ئىشلارنى تەكشۈرۈش، جاسۇسلۇق دېگەن سۆز كۆپىنچە يامان ئىشلارغا قارىتىلىدۇ. ھەسەت دېگەن: باشقىلارنىڭ نېمەتكە ئېرىشىشىنى ياقتۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. تەتۈر قاراش : بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۆز-ئارا سالام قىلىشماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى زىيارەت قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۆچ كۆرۈش دېگەن: باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، چېرايىنى تۈرۇپ تۇرۇش، كۆرۈشكەندە ئوچۇق چىراي ئاچماسلىق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىدىغان لەپزى قىسقا مەنىلىك بىر سۆزنى دېدى ئۇ بولسىمۇ:«ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار». دىنى قېرىنداشلىق ئالاقىسى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىنىدۇ، ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەت زىيادە بولىدۇ، ئارىدا ئۇلپەت بولىدۇ.فوائد الحديث
يامانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىدىن يامان گۇمان قىلىشنىڭ زېيىنى بولمايدۇ، مۇسۇلمان كىشى ئەقىللىق، زېرەك بولىشى، ناچار، پاسىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئىنساننىڭ كۆڭلىگە چۈشۈپ قالىدىغان ۋە داۋاملاشقان تۆھمەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن بولغان مەقسەت: ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەسلىك ۋە دىلىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن بولۇپ ئىنسان بۇنىڭغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.
جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ھەسەتخورلۇق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇسۇلمان جەمئىيتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك سەۋەپلىرىنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر.
مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇنىڭغا چىن دوستلۇق ۋە سەمىيمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
التصنيفات
ناچار ئەخلاقلار