ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر

ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر».

[تېكىست توغرا] [ئىمام بۇخارى جابىرنىڭ ھەدىسىدىن، ئىمام مۇسلىم ھۈزەيپەنىڭ ھەدىسىدىن رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، كىشىلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتلەردىن بولغان ياخشىلىق سەدىقە بولىدۇ، بۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ.

فوائد الحديث

سەدىقە ئىنسانلار سەرپ قىلىدىغان پۇل-مال بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئەمەلى ۋە ئاغزاكى ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

بۇ ھەدىس كىشىلەرگە پايدىسى يېتىدىغان ھەرقانداق ئىشتا ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

گەرچە ئاز بولسىمۇ ھېچ قانداق بىر ياخشىلىقنى تۆۋەن كۆرمەسلىك كېرەك.

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى