?چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر

?چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ھەقىقى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ بەدەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ياكى كۈچلۈكلەرنى چېلىشىشتا يېڭىۋالىدىغان كۈچ ئەمەسلىكى بەلكى ھەقىقى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئۆز نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىپ، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان مەنىۋىي كۈچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆز نەپسى بىلەن شەيتانغا غالىپ كېلىدىغان ئىمانىي كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئىبارەتتۇر.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىس كەڭ قورساقلىقنىڭ ۋە ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۈتىۋېلىش؛ ئىسلام ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش بولسا، دۈشمەنگە قارشى كۆرەش قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

ئىسلام كۈچ-قۇۋۋەت توغرىسىدىكى نادانلارچە چۈشەنچىنى ئېسىل ئەخلاققا ئۆزگەرتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان كىشىدۇر.

شەخس ۋە جەمئىيەتكە زېيان يېتىدىغان ئىشلارغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشتىن يىراق بولۇش لازىم.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار