ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن

ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن، ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى خوشنىسىنى ئېكرام قىلسۇن، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مېھمىنىغا ئىززەت قىلسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئاللاھغا ۋە ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايى بولغان ئاخىرەت كۈنىگە، ئۇ كۈندە ئەمىلىگە يارىشا بېرىلىدىغان جازا-مۇكاپاتقا ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئىمانى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى: بىرىنچى: چېرايلىق سۆز: تەسبىھ، تەھلىل، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلار، بۇنداق قىلالمىغان كىشى تىلىنى ساقلاپ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يېغىپ سۇكۇت قىلىشى لازىم. ئىككىنچى: خوشنىغا ئېكرام قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك. ئۈچىنچى: زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مېھماننى چېرايلىق سۆز ۋە ئېسىل تائاملار بىلەن ياخشى كۈتىۋېلىش قاتارلىقلار.

فوائد الحديث

ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش بولسا بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئاساسى بولۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

تىلنىڭ ئاپىتىدىن ھەزەر قىلىش.

ئىسلام دىنى؛ ھەمكارلىق ۋە سەخاۋەت دىنىدۇر.

بۇ خىسلەتلەر ئىماننىڭ شاخچىلىرى ۋە مەدھىيلىنىدىغان ئەدەبلەردىندۇر.

سۆزنى كۆپ قىلىش مەكرۇھ بولغان ياكى ھارام بولغان ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ياخشىلىقتىن باشقىنى سۆزلىمەسلىك ئىنساننى سالامەت قىلىدۇ.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار