ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ

ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ».

[تېكىست توغرا] [مۇسلىم رىۋايىتى]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قويۇپ خۇددى ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

فوائد الحديث

ئۆيلەردە نەپلە ناماز، ئىبادەت ۋە زىكىرلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ ياخشىلىقىنى بايان قىلىدۇ.

قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش بولسا، قەبرە ساھىبى توغرىسىدا چەكتىن ئىشىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋاستە بولۇپ قالىدۇ، جىنازە نامىزى ئادا قىلسا بولىدۇ.

قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەش ساھابىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلىيلەشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.

التصنيفات

سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ پەزىلىتى