إعدادات العرض
مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر
مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر، ئۇنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپتۇر، ئۇنىڭ سۈيىنى ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Azərbaycan Tagalog Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Lingala Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆل بولىدىغانلىقى، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر. ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى مىسكە-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەك خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدەك كۆپتۇر. شۇ قەدەھلەر بىلەن كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ.فوائد الحديث
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە كۆپ سۇ جۇغلانغان بولۇپ قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنىڭ مۆمىنلىرى بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچىدۇ.
بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىماسلىقتىن ئىبارەت نېمەتكە ئېرىشىدۇ.
التصنيفات
ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش