إعدادات العرض
سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر
سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore or Kurdî Oromoo Soomaali Français Wolof Azərbaycan Tagalog Українська தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar Lingala فارسی Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ ئوتىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئاخىرەتنىڭ ئوتىنىڭ كۆيدۈرىشى ۋە ھارارىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشىدا دۇنيانىڭ ئوتىدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى دۇنيانىڭ ئوتىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ دوزاختىكىلەرنى ئازابلاشقا كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى كۈچلۈكلۈكتە دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.فوائد الحديث
ئىنسانلارنى جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇش.
جەھەننەم ئوتىنىڭ كاتتىلىقى، ئازابى ۋە كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.