إعدادات العرض
ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ
ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ
تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ئۇلار ھەممە ئىش تەقدىر بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ».
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Soomaali Français Wolof Azərbaycan Tagalog Українська தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文 kmالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەتتا ئاجىزلىق يەنى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلماسلىق، سەل قاراش، ھورۇنلۇق قىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش قاتارلىقلار. ھەتتا روھلۇق جۇشقۇنلۇق؛ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولۇش كېرەك ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق، جۇشقۇنلۇقنى ۋە ھەممە ئىشلارنى بېكىتتى ۋە تەقدىر قىلدى، دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بۇرۇندىن بىلگەن ۋە خالىغان ئىشلاردۇر.فوائد الحديث
ساھابىلارنىڭ تەقدىر توغرىسىدىكى ئېتىقادىنى بايان قىلىش.
ھەممە ئىشلار ھەتتا ئاجىزلىق ۋە جۇشقۇنلۇقمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ.
ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىشتا بەك ئېھتىيات قىلىپ ئىشەنچىلىك ھالەتتە بايان قىلىدىغانلى ئىپادىلىنىدۇ.
تەقدىرنىڭ ياخشى ۋە يامان ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.