إعدادات العرض
بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق
بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق
ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئېدى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Malagasy or Čeština नेपाली Oromoo Română Nederlands Soomaali Кыргызча తెలుగు ไทย Српски മലയാളം Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Wolof Magyar ქართული Moore Українськаالشرح
ئۇلۇغ ساھابە ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن چىققان دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.فوائد الحديث
ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىقلار گەرچە قاندىن چىققان بولسىمۇ ئۇ ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
ھەيز -ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا ئاياللاردىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەيز ۋاقتىدىكى قاندىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ سۇ بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
ئايال ھەيزدىن كېيىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق سەۋەبىدىن نامازنى ۋە روزىنى تەرك قىلمايدۇ، بەلكى تاھارەت ئېلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ.
التصنيفات
ھەيز، نىپاس ۋە ئىستىھازە