إعدادات العرض
1- ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى
2- بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق
3- ?سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز
4- ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلاتتى
5- نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى
6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى
7- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز، روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، ئۇ ئايال: قان ئىنتايىن كۆپ كېلىدۇ، پاختا كار قىلمايدۇ، دېدى