يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىنىپ، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى

يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىنىپ، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: بۇ ئىككى نەرسە ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، دەۋاتقانلىقىنى كۆردۇم دەپ ھەدىس بايان قىلغان. ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى» دېگەن

[ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى نەرسە يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى، دېدى. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە يىپەك كىيىم ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلىش چەكلەندى. پەقەت بەدىنىدە قىچىشقاق ياكى قوتا كېسىلى بولغان كىشىلەر باشقا ئامال قىلالمىسا ساقىيىپ بولغۇچە يىپەك كىيىملەرنى كىيسە، بۇرنى كېسىلگەن كىشىلەر ئالتۇندىن بۇرنىنى قاپلاتتۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئالتۇن بىلەن يىپەك ئاياللارغا دۇرۇس قىلىندى. ئاياللار ئىسراپ قىلماستىن يىپەك كىيىملەرنى كىيسە ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىسراپ قىلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» ئەئراپ سۈرىسى 31-ئايەت

التصنيفات

كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت