دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى، ئەگەر ئۇنى قىلسام ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرۈدىغان بىرئەمەلگە باشلاپ قويسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ئۆزىنى ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سەۋەبچى بولىدىغان بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىپ دېدىكى: دۇنيادىن يىراق تۇرغىن! يەنى: ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭگە ئېھتىياجىڭ بولمىغىنىنى ئىزدىمىگىن، بەلكى زىيادىسىنى ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغىنىنى تەرك ئەتكىن! دىنىڭغا زىيىنى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلىغىن! كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىشىۋاتقان دۇنيادىن يىراق تۇرغىن. ئەگەر سەن بىلەن كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئارىسىدا ھەق - ھوقۇق ئۆتۈپ قالسا، سەن ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەھبۇب بولۇشۇڭ ئۈچۈن، خۇددى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بولغىن، ئۇ بولسىمۇ: بىر نەرسە ساتقاندا كەڭ قوساق بولغان، ياكى سېتىۋالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرز سورالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرزنى تۇتقاندا كەڭ قوساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن

التصنيفات

زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىق