?كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن

?كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىش، ماددى ۋە مەنىۋىي، ئىكرام قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن سىلە رەھىمنى ئۇلاشقا رىغبەتلەندۈرگەن، چۈنكى بۇ رىزىقنىڭ كەڭرى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

فوائد الحديث

تۇغقان دېگەن؛ ئاتا-ئانا تەرەپتىن بولغان يېقىنلاردۇر، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر.

جازا-مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى ياخشىلىق ۋە ئېھسان بىلەن سىلە رەھىمنى ئۇلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىدۇ.

سىلە رەھىم بولسا رىزىقنىڭ كەڭرى ۋە زىيادە بولۇشنىڭ ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر، گەرچە ئىنساننىڭ رىزقى ۋە ئەجىلى لەۋھىل مەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرى ۋە رىزقىدا بەرىكەت بولىدۇ، ھاياتىدا شۇ ياشتىكى باشقا كىشىلەر قىلالمىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. بەزى ئالىملار: رىزىق بىلەن ئۆمرىنىڭ زىيادە بولىشى ھەقىقى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى