ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! نەپىقە قىلغىن، ساڭىمۇ نەپىقە قىلىنىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! نەپىقە قىلغىن، ساڭىمۇ نەپىقە قىلىنىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! نەپىقە قىلغىن، ساڭىمۇ نەپىقە قىلىنىدۇ».

[تېكىست توغرا] [بىرلىككە كەلگەن]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! زۆرۈر بولغان ۋە زۆرۈر بولمىغان خەيرى-ئېھسانلارنى ئادا قىلغىن، ساڭا كەڭىرچىلىك قىلىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىمەن، ساڭا بەرىكەت بېرىمەن دەيدۇ».

فوائد الحديث

سەدىقە قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

ياخشىلىق يوللىرىغا نەپىقە قىلىش بولسا رىزىققا بەرىكەت ۋە ھەسسىلەپ زىيادە بولۇشنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بەندە نەپىقە قىلغان نەرسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ.

بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس قۇدسىي ياكى ھەدىس ئىلاھىي دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لېكىن بۇ تۈردىكى ھەدىس باشقا ھەدىسلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى يوقتۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت، تاھارەت بىلەن تۇتۇش، مۆجىزىلىك ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ ئۆخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىزلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر يوقتۇر.

التصنيفات

خىراجەت قىلىپ بېرىش, نەپلە سەدىقە