مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد…

مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ شاھادەت كەلىمىسى ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]

الشرح

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چوڭ-كېچىك بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ««سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ كىشى: ھەئە، گۇۋاھلىق بېرىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋبە قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى گۇناھلار ئۆچۈرلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ كاتتىلىقى، بۇنى چېن دىلى بىلەن دېگەن كىشى ئۈچۈن بارلىق خاتالىقلىرىدىن ئۈستۈن كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئىسلام، مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.

سەمىمىيەت بىلەن قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.

تەكرار تەلىم بېرىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.

ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قىلىشتىن قۇرتۇلۇشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى