?مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ…

?مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ ئۇممىتىم!

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ ئۇممىتىم! دەيمەن، ماڭا: ئۇلارنىڭ سېنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تۇيدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم دىندىن يېنىۋالغانلار، دېيىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇممىتىدىن كۆلگە سۇ ئېچكىلى كىلىدىغانلارغا قاراش ئۈچۈن كۆلنىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىشىلەر كۆلگە كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېقىن كەلگىلى تۇرغاندا ئۇلار تۇتىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېقىنلىرىم، ئۇلار مېنىڭ ئۇممىتىم دەيدۇ. ئۇلارنىڭ سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم كەينىگە قايتىپ، دىندىن يېنىۋالدى، ئۇلار سېنىڭ يېقىنلىرىڭمۇ ئەمەس ۋە سېنىڭ ئۇممىتىڭدىنمۇ ئەمەس دېيىلىدۇ.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە كۆيۈنىشى بايان قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چېڭ ئېسىلىشقا قىزىقتۇرۇش.

التصنيفات

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش, ئاخىرەت ھاياتى, ئىماننىڭ تارماق قىسىملىرى