?مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان…

?مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامى كامىل بولغان مۇسۇلمان دېگەن كىشىلەر ئۇنىڭ تىلىدىن سالامەت قالغان، كىشىلەرنى تىللىمايدىغان، لەنەت ئىيتمايدىغان، غەيۋېتىنى قىلمايدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا قايسى تۈردىن بولسۇن ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمانلار ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن سالامەت قالىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئىلىۋالمايدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەنمۇ ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر.

فوائد الحديث

ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولىشى باشقىلارغا ماددى ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردىن ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ.

ھەدىستە قول بىلەن تىلنى زىكىر قىلدى، چۈنكى قول بىلەن تىلنىڭ خاتالىقى ۋە زىيىنى كۆپ بولىدۇ ۋە ئاساسلىق يامانلىقلار بۇ ئىككىسىدىن سادىر بولىدۇ.

گۇناھ-مەئ‍سىيەتنى تەرك قىلىش ۋە ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى لازىم تۇتۇش.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ھوقۇقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تولۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.

باشقىلارغا دۇشمەنلىك قىلىش بەزى ئاغزاكى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئەمەلىي بولىدۇ.

مۇكەممەل ھىجرەت دېگەن: ئۇ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىشتۇر.

التصنيفات

ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى, ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى, گۈزەل ئەخلاقلار, گۈزەل ئەخلاقلار, سۆز قىلىش ۋە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەخلاقى, سۆز قىلىش ۋە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەخلاقى