إعدادات العرض
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن…
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português Kurdî മലയാളം Kiswahili Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá සිංහල ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or नेपाली Malagasy Română Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Nederlands Soomaali Shqip Српски Deutsch Українська ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كاتتا بولغان، ئەمما سىلەرنىڭ قارىشىڭلاردا چوڭ بولمىغان بىر ئىشتا ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە كىيىمىنى كېچىك تەرەتتىن پاك ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن. يەنى كېچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمىغان. يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى. يەنى كىشىلەر ئارىسىدا جىدەل-ماجرا، ئىختىلاپ، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سۆزىنى باشقىلارغا يۆتكەيتتى.فوائد الحديث
سۇخەنچىلىك قىلىش ۋە كېچىك تەرەتتىن ساقلانماسلىق چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىردە ئازابلىنىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامىتىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن قەبرە ئازابىغا ئوخشاش بەزى غەيبى ئىشلارنى ئېچىپ بەردى.
خورمىنىڭ ھۆل شېخىنى ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ئىككى قەبىرگە سانجىپ قويۇش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولغان بىر ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بۇ ئىككى قەبرىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى، بۇنى باشقىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قىياس قىلىپ قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى قەبرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.