?مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى…

?مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىرى بولسۇن ياكى باشقا ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەي، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ، دېدى.

فوائد الحديث

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك رىسالىسى پۈتۈن ئالەمگە ئومۇمدۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئىي پىرىنسىپى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كەلگەن بارلىق شەرىئىي پىرىنسىپلار ئەمەلدىن قالدى.

كىمىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. (چوقۇم ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېشىنىشى كېرەك).

كىمىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئاڭلىمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دەۋېتى يەتمىگەن بولسا، ئۇ ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا قاراشلىق بولىدۇ.

جان ھەلقۇمغا يەتمىگەن، ئۆلۈم يېقىنلاشقان، ھەتتا بەك ئېغىر كېسەللىكتە بولسىمۇ ئىسلام بىلەن مەنپەئەتلىنىش ئەمەلىيلىشىدۇ.

كاپىرلارنىڭ دىنى كۇپۇردۇر، يەھۇدى، ناسارالارمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ھەدىستە يەھۇدى ۋە ناسارالارنى زىكىر قىلىش بولسا، ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئۇلار كىتاب بېرىلگەن كىشىلەردۇر، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىتاب بېرىلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئەلۋەتتە بۇلاردىن بەتتەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ دىنىغا كېرىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

التصنيفات

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام