كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى

كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ: "ياق، كەبە بىلەن قەسەم!" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، چۈنكى قەسەم دېگەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇلۇغلۇق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەسەم كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەگەر قەسەم قىلغۇچى ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئۇلۇغلىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ چوڭ شېرىكنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

فوائد الحديث

قەسەم بىلەن ئۇلۇغلاش ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.

ساھابىلارنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ، ئىش شېرىككە ياكى كۇپۇرغا ئالاقىدار بولغاندا شۇنداق بولىدۇ.

التصنيفات

شىرىك كەلتۈرۈش