?چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ

?چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن؛ كېچە ۋە كۈندۈزدە ئادا قىلىنغان بەش ۋاقىت ناماز، ھەر ھەپتىدە ئادا قىلىنغان جۈمە ۋە ھەر يىلى تۇتۇلغان رامىزان روزىسى ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئەمما زىنا، ھاراق ئېچىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

فوائد الحديث

گۇناھنىڭ چوڭ ۋە كېچىكى بولىدىغانلىقى.

چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش بولغاندا كېچىك گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

چوڭ گۇناھلار؛ زىنا قىلىش ۋە ھاراق ئېچىش دېگەندەك، دۇنيادا جازا بېكىتىلگەن ياكى ئۇنى قىلغان كىشى ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ياكى لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم بايان قىلىنغان گۇناھلاردۇر.

التصنيفات

پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق, ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى, نامازنىڭ پەزىلىتى