إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە…
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.
[ھەسەن سەھىھ]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Kiswahili தமிழ் دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Azərbaycan ქართული тоҷикӣ Македонски bm Malagasy yaoالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ كاتتا سەۋەپلەردىن تۆۋەندىكى ئىككىنى بايان قىلىپ بەردى: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر. دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى: تىل ۋە ئەۋرەت. تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.فوائد الحديث
ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان سەۋەبلىرىدىن: تەقۋادارلىق. كىشىلەرگە ئالاقىدار بولغان سەۋەپلەردىن: گۈزەل ئەخلاق.
تىلنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، ئۇ ساھىبىنىڭ دوزاخقا كېرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
شەھۋەت ۋە پاھىشەنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، بۇ دوزاخقا كېرىشنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىندۇر.