إعدادات العرض
مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ
مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Tagalog Azərbaycan Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar Русский فارسی 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنى ئىككى پادا قوينىڭ قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان سەرگەردان قويغا ئوخشاتتى. بىر قېتىم بۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ يەنە بىر قېتىم ئۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ. مۇناپىقلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغۇچىدۇر، ئۇلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مۇئمىنلەر بىلەنمۇ ئەمەس ۋە كاپىرلار بىلەنمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە شەك ۋە ئىككىلىنىش بار، بەزى ۋاقىتتا مۇئمىنلەرگە مايىل بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا كاپىرلارغا مايىل بولىدۇ.فوائد الحديث
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا مىسال بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىككىلىنىش، شەكلىنىش، ئىزتىراپلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىماندا سەمىمى ۋە كەسكىن، زاھىرى ۋە باتىنى ئەمەللەردە راستچىل بولۇش.
التصنيفات
مۇناپىقلىق