?ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن

?ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن

سالىم بىن ئەبى جەئدى مۇنداق دەيدۇ، بىر كىشى: كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەن ئېدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ساھابىلاردىن بىر كىشى كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى بىلال! نامازغا ئەزان توۋلاپ، تەكبىر ئېيتقىن ناماز بىلەن راھەتلىنەيلى» دېگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنداق بولىشى نامازدا ئىنسان ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىدۇ، دىلى ۋە روھى راھەتلىنىدۇ.

فوائد الحديث

نامازدا ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ دىلى راھەتلىنىدۇ.

ئىبادەتنى ئېغىر كۆرگەن كىشىگە رەددىيە بېرىش.

ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، زىممىسىنى پاكلىغان كىشىگە بۇنىڭ بىلەن راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ.

التصنيفات

نامازنىڭ پەزىلىتى, نامازنىڭ پەزىلىتى, ئەزان ۋە تەكبىر, ئەزان ۋە تەكبىر