إعدادات العرض
كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ
كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ
ئۇقبە ئىبنى ئامىر ئەل جۇھەنەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر توپ كىشىلەر كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بۇ كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ كىشى بوينىغا تۇمار ئېسىۋاپتۇ» دېدى، ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:«كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy Čeština नेपाली Oromoo Nederlands Soomaali తెలుగు ไทย Српски മലയാളം Kinyarwanda Română ಕನ್ನಡ Lietuvių Wolof Magyar ქართული Moore Українськаالشرح
ئون كىشىلىك بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىدىن ئىسلامغا ۋە ھەقكە ئەگىشىش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى، ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بوينىدا تۇمار بار ئىكەن دېدى، تۇمار دېگەن: كۆز تېگىش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوينىغا ئېسىۋالىدىغان تېرىدىن قاپلانغان ياكى يىپكە تېزىلغان كۆز مۇنچاق دېگەندەك نەرسىلەر. ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە تۇمار ئېسىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».فوائد الحديث
كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تايىنىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ مەقسىتىنى بۇزۇش بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
تۇمارنى ئەزىيەتتىن يىراق قىلىدۇ، كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئېسىش كېچىك شېرىك بولىدۇ. ئەمما ئەگەر تۇمارنىڭ ئۆزى مەنپەئەت بېرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئېسىش بولسا چوڭ شېرىكتۇر.
التصنيفات
ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش