ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا…

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇ سۆزنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [دارى قۇتنىي "سۈنەن دارى قۇتنىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

مۇسۇلمان تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئاندىن تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ باشقىدىن تەرەت ئالماقچى بولسا، ئۆتۈكنى سېلىۋېتىمەن دەپ جاپا تارتماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە ئىبادەت ئىشلىرىنى ئاسان قېلىپ بېرىشىدۇر، لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشى يۇيۇنماقچى بولسا گەرچە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتى بولسىمۇ، ئۆتۈكنى سىلىۋېتىپ يۇيۇنىدۇ، ئۆتۈككە مەسھى قىلىش پەقەت تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ

التصنيفات

ئۆتۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىش