?ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار

?ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار

ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان سۆز قىلغاندا :«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ياكى ئاللاھ تائالا خالىسا ۋە پالانى: بۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە ئىرادىسى مۇتلەق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچ كىم شېرىك بولالمايدۇ. كېيىنكى جۈملىنى باشتىكى جۈملىگە ئۇلاشتا«ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، كېيىنكى جۈملىدىكى بىر شەخسنى باشتىكى جۈملىدىكى ئاللاھ بىلەن شېرىك قىلىش ۋە ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن پالانى خالىسا دېسە بولىدۇ. بەندىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا ئەگەشتۈرۈشتە «ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈممە» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ ئەگىشىپ كېلىش ۋە كېيىن كېلىشنى بىلدۈرىدۇ.

فوائد الحديث

«ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېگەن سۆزلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا «ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى شېرىك بولىدىغان سۆز ۋە لەپزىلەردۇر.

«ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن سەن خالىساڭ» دېگەن سۆز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا ئۇلىغاندا چەكلىمە بولمىغان ھەرىپلەر بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ ئۈچۈن خالاشنى ئىسپاتلاش، بەندى ئۈچۈنمۇ خالاشنى ئىسپاتلاش. بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا كۆرە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

«ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئاللاھنىڭ خالىشىغا مەخلۇقاتلارنى شېرىك قىلىش چەكلىنىدۇ.

ئەگەر بىر كىشى: بەندىنىڭمۇ ئاللاھنىڭ خالىغىنىغا ئوخشاش خالىشى بولىدۇ دەپ، مۇتلەقلىق ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشتا باراۋەر قىلسا، ياكى بەندىنىڭمۇ مۇستەقىل خالىشى بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا بۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىنى ئېتىقاد قىلسا كېچىك شېرىك بولىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش