إعدادات العرض
مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ…
مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Kiswahili தமிழ் ไทย دری Български Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda тоҷикӣ O‘zbek Akan नेपाली Moore Azərbaycan Wolof Oromoo Soomaali Українська bm km rn ქართული mk Српски lnالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئاز بولسىمۇ بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىس بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئىلمىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇ كىشى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ياكى چاقىرغان نەرسىنى بىلگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شەرىئىتىمىزغا زىت بولمىغان ھالەتتىكى بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى ئۆزىگە قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىسۇن دېدى.فوائد الحديث
ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنسان ئاز بولسىمۇ ئۆزى بىلگەن ياكى چۈشەنگەن، ياد قىلغان بىلىملەر بولسا يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى مۇكەممەل قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەرئى بىلىم ئېلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان قاتتىق ئازابقا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ھەدىسنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئىنسان راستچىل بولۇش، بولۇپمۇ ھەدىسكە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش، شۇنداقلا؛ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشتە يالغانغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك.