إعدادات العرض
ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى
ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى
بۇرەيدە بىن ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी বাংলা Español Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Hausa دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Wolof Soomaali Moore Українська Български Tagalog Azərbaycanالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھېچ قانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.فوائد الحديث
ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالدىراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ جىنايىتى باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن ئېغىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەسىر نامىزى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەخسۇس بۇيرىغان ئوتتۇردىكى نامازدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].