إعدادات العرض
ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە…
ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
ar bn bs en es fa fr id ru tr ur zh hi ku ha pt ml te sw ta my de ja ps vi as sq sv cs gu yo nl si prs ak az bg ff hu kn ky lt ne or ro rw tg uz mos wo om sr so bm uk tl rn km ka mk el am mgالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغىلى چىققان كىشىنىڭ ناچار گەپ-سۆزلەر، شەھۋانى سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. پىسقى-پۇجۇر دىگەندىن: ئېھراملىق ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەن بولۇپ، بۇ شەكىلدە ھەج قىلغان كىشى خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك مەسۇم ھالەتتە قايتىدۇ.فوائد الحديث
پىسقى-پۇجۇر قىلىش ھەرقانداق ھالەتتە چەكلەنگەن بولسىمۇ ھەج پائالىيىتىنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ھەج قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە چەكلىنىدۇ.
ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مەسۇم، گۇناھدىن پاك ھالەتتە دۇنياغا كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.
التصنيفات
ھەج-ئۆمرە قىلىشنىڭ پەزىلىتى