إعدادات العرض
ياخشىلىق قىلىنسا مۇكاپات يۈزىسىدىن سىلە رەھىم قىلغۇچىلار ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى سىلە رەھىم…
ياخشىلىق قىلىنسا مۇكاپات يۈزىسىدىن سىلە رەھىم قىلغۇچىلار ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلمىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇغقانچىلىقنى يەتكۈگۈچىدۇر
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق قىلىنسا مۇكاپات يۈزىسىدىن سىلە رەھىم قىلغۇچىلار ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلمىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇغقانچىلىقنى يەتكۈگۈچىدۇر».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands తెలుగు Kiswahili தமிழ் ไทย دری Български Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda тоҷикӣ O‘zbek Akan नेपाली Moore Azərbaycan Wolof Oromoo Soomaali Українська km bm rn ქართული Македонски Српскиالشرح
پەيغەمەبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلغان كىشى مۇكەممەل ئىنسان ھېسابلانمايدۇ. ھەقىقى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلمىسىمۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزسىمۇ، ئۇ كىشىگە يامانلىق قىلىپ، ناچار مۇئامىلىدە بولسىمۇ ئۇنىڭ قارشىسىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان كىشىدۇر.فوائد الحديث
شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سىلە رەھىم دېگەن: سىزدىن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشىلەرگە سىلە رەھىم قىلىش، زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، سىزنى مەھرۇم قويغان كىشىلەرگە بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. پەقەتلا ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە رەھىم قىلغانغا سىلە رەھىم قىلىش دېگەن شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىدىغان سىلە رەھىم بولمايدۇ.
سىلە رەھىم قىلىش دېگەن مال-دۇنيا ئەۋەتىپ بېرىش، دۇئا قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىق، ئەزىيەتلەرنى يوق قىلىش قاتارلىق مۇمكىن بولغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ.
التصنيفات
مۇسۇلمانلار جەمئىيتى