?جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم

?جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ئۆزىگە خوشنىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكرارا-تەكرار تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يىقىن بولغان خوشنا مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، تۇغقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەتلىرىگە سەۋىر قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشنىنىڭ ھەققىنىڭ كاتتا بولغانلىقى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تەكرار-تەكرار تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن، ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە خوشنىسى ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ ئايەت نازىل بولاپ قالامدىكى دەپ ئويلاپ قالغان.

فوائد الحديث

خوشنىنىڭ ھەققى بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ۋاجىپتۇر.

خوشنىڭ ھەققىنى ۋەسىيەت ئارقىلىق تەكىتلەش بولسا ئۇنى ئېكرام قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزمەسلىك، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، خۇرسەنلىكىنى تەبرىكلەش، مۇسىيبەتكە ئۇچرىغاندا تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

خوشنىنىڭ ئىشىكى يېقىن بولغانسىرى ئۇنىڭ ھەققىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، خوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا يېتىدىغان ئەزىيەتلەردىن چەكلىنىش ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت ئىسلىھاتىغا پايدىلىق ئىشلارنى يولغا قويدى.

التصنيفات

كىلىشىم ۋە خوشنىدارچىلىق ھۆكۈملىرى, كىلىشىم ۋە خوشنىدارچىلىق ھۆكۈملىرى