إعدادات العرض
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا…
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر
ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල ไทย دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Azərbaycan ქართული Lingala тоҷикӣ bm Malagasy Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ تەتۈر قارىشىپ، ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر-بىرىگە سالام قىلماي ۋە سۆز قىلماي يۈرىشىدىن چەكلىدى. ئاداۋەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاداۋەتنى يوق قىلىپ، كۆڭلىنى كەڭرى تۇتۇپ دەسلەپتە سالامنى باشلىغىنىدۇر. ئەمما شەخسى ئۆچ-ئاداۋەت بولماستىن، ئاللاھ بارىسىدا بىدئەتچى، ئاسىي، مۇناپىقلارنى ۋە يامان ھەمراھلارنى تەرك قىلىشنىڭ بولسا ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق، بۇ تۈردىكى تەرك قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتكە قارىتا بولۇپ، خاتالىق تۈزەلسە چەكلىمە يوق بولىدۇ.فوائد الحديث
ئاداۋەت تۇتۇشقا ئۈچ كۈنگىچە مۆھلەت بېرىلىش بولسا، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە رىئايە قىلغانلىق بولۇپ، ئاداۋەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۈچ كۈندە چەكلىمە ئەپۇ قىلىنىدۇ.
سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى، چۈنكى سالام ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئاداۋەتنى يوق قىلىدۇ، شۇنداقلا سالام ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىقنىڭ كۈچىيىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.