إعدادات العرض
?قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ
?قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ».
[ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
عربي Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Soomaali mg नेपालीالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىيزانىدا سۆز-ھەرىكەتلەردىن گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: باشقىلارغا ئوچۇق چېراي بولۇش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىكى ناچارلىق ۋە قەبىھ سۆزلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.فوائد الحديث
گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ ساھىبىغا ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ سۆيگۈسىنى قالدۇرىدۇ، بۇ قىيامەت كۈنى مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەلدۇر.