إعدادات العرض
غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ
غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ».
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Русский हिन्दी Bahasa Indonesia 中文 বাংলা اردو Español Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Türkçe Hausa دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली Italiano or ಕನ್ನಡ Oromoo Română Soomaali Српски Wolof Українська Tagalog Moore Malagasy Azərbaycan ქართული Magyar mrالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەمىنلىك بېرىلىپ ئىسلام دىيارىغا كىرگەن غەيرى دىندىكى ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق ئارىلىقتىن پۇرىغىلى بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.فوائد الحديث
كاپىرلاردىن ئەمىنلىك بېرىلگەن، كېلىشىم قىلىنغان، ئەھدە قىلىشقان كىشىنى ئۆلتۈرۈش ھارامدۇر، شۇنداقلا ئۇ چوڭ گۇناھلاردىندۇر.
ئەھدە قىلىشقان دېگەن: كاپىرلاردىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدىغان، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلمايدىغان، (يەنى ئۆزئارا تېنچلىق ئۆرنىتىلغان) مۇسۇلمانلار يۇرتىدا مۇقىم تۇرىدىغانغا ۋەدە ئېلىنغان كىشىدۇر. زىممىي دېگەن: مۇسۇلمانلار يۇرتىدا ئىقامەت بىلەن ياشاپ يىللىق پۇل تۆلەيدىغان كىشى. ئەمىنلىك بېرىلگۈچى دېگەن: مۇسۇلمانلار دىيارىغا مالۇم مۇددەت تۇرۇش ئۈچۈن ۋىيزا بىلەن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان كىشىدۇر.
غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن قىلىشقان ئەھدىگە خىيانەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.