إعدادات العرض
يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى
يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ : سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەندە ۋە كۆڭلى خوش بولغاندا سۆزلەيدىغان تۇرسا؟دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختاپ قالدىم، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली മലയാളം Bosanski Italiano ಕನ್ನಡ Kurdî Oromoo Română Shqip Soomaali Српски Українська Wolof Moore Tagalog Malagasy தமிழ் Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyarالشرح
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى يېزىش ئارقىلىق ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازاتتىم، قۇرەيشتىن بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەن ۋە كۆڭلى خوش ھالەتلەردە سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە خاتا كېتىدىغان تۇرسا؟ دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختىدىم. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].فوائد الحديث
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببى بولغان ئاللاھدىن يەتكۈزگەن بارلىق خەۋەرلىرىدە كۆڭلى ئوچۇق ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن خاتالىقتىن ساقلانغۇچىدۇر.
ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش ۋە يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
قەسەم قىلىنمايدىغان ئىشتىمۇ، بىر ئىشنى تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، مەنپەئەت بولىدىغان ۋاقىتتا قەسەم قىلسا توغرا بولىدۇ.
ئىلىمنى يېزىش بولسا ئىلىمنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرىدۇر.